ۋىدا خۇتبىسى

ئەي ئادەملەر!
سۆزۈمنى ياخشى ئاڭلاڭلار.
بىلەلمەيمەن، بەلكىم بۇ يىلدىن كېيىن بۇ يەردە سىلەر بىلەن مەڭگۈ ئۇچرىشالمىساممۇ بولىدۇ.
ئەي ئادەملەر!
ئارافە كۈنى قانداق مۇقەددەس بولسا، زىلھەججە ئايىمۇ قانداق مۇقەددەس بولسا، مەككە شەھرى قانداق مۇبارەك بولسا؛ جانلىرىڭلار، ماللىرىڭلار، نامۇسلىرىڭلارمۇ شۇنداق مۇقەددەستۇر، ھەر قانداق ھۇجۇمدىن ئەمىن.
ئەسھابىم!
ئەتە پەرۋەردىگارىڭلارغا ئۇچرىشىسىلەر ۋە بۈگۈنكى ھەر بىر ھەرىكىتىڭلاردىن سورىلىسىلەر. مەن كېيىن قايىللىققا قايتىپ، بىر-بىرىڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. بۇ ۋاسىيتىمنى بۇ يەردە بارلار يوقلارغا يەتكۈزسۇن. بەلكىم يەتكۈزۈلگەن كىشى، بۇ يەردە بولۇپ ئاڭلىغاندىنمۇ ياخشى چۈشىنىپ ساقلاپ قالار.
ئەسھابىم!
كىمنىڭ قوشىدا ئەمانەت بولسا، ئۇنى ئىگىسىگە تاپشۇرسۇن.
پۇل سودىسىنىڭ ھەر خىلى بىكار قىلىندى، پۇتىمنىڭ ئاستىدا.
ئەمما قەرزىڭلارنىڭ ئەسلىسىنى قايتۇرۇشڭلار كېرەك. نە زۇلۇم قىلغىنلار، نە زۇلۇمغا ئۇچرىغىنلار.
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن سودىچىلىق ئەمدى ھارام قىلىندى. جاہىلىيەتتىن قالغان بۇ يامان ئادەتنىڭ ھەر خىلى پۇتىمنىڭ ئاستىدا. بىكار قىلغان تۇنجى سودىمۇ ئابدۇلمۇتتالىبنىڭ ئوغلى ئابباسنىڭ سودىسىدۇر.
ئەسھابىم!
جاہىلىيەت دەۋرىدە بولغان قان داۋىلىرىمۇ بىكار قىلىندى. بىكار قىلغان تۇنجى قان داۋىمۇ ئابدۇلمۇتتالىبنىڭ نەبرىسى رابىئانىڭ قان داۋىسىدۇر.
ئەي ئادەملەر!
بۈگۈن شەيتان سىلەرنىڭ بۇ زېمىنىڭلاردا قايتا تەسىر ۋە ھۆكۈمەت قۇرۇش كۈچىنى مەڭگۈلۈك يوقاتتى. ئەمما بۇ بىكار قىلغانلىرىمدىن باشقا كىچىك دەپ قارىغان ئىشلىرىڭلاردا ئۇنىڭغا ئەگەشسىلەر، بۇمۇ ئۇنى خۇشال قىلىدۇ. دىنىڭلارنى ساقلاش ئۈچۈن بۇلاردىن ساقلىنىڭلار.
ئەي ئادەملەر!
ئاياللارنىڭ ھوقۇقىغا دىققەت قىلىشىڭلارنى ۋە بۇ ھەقتە ئاللاھتىن قورقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. سىلەر ئاياللارنى ئاللاھنىڭ ئەمانىتى قىلىپ ئالدىڭلار؛ ئۇلارنىڭ نامۇسى ۋە ئىفپىتىنى ئاللاھ نامىدىن قەسەم قىلىپ ھەلال قىلدىڭلار. سىلەرنىڭ ئاياللار ئۈستىدىكى ھوقۇقىڭلار؛ ئۇلارنىڭ ئائىلە ئورنىنى، ياخشى كۆرمىگەن ئادەمگە بۇزۇشتۇرماسلىقىدۇر. ئاياللارنىڭمۇ سىلەر ئۈستىدىكى ھوقۇقى؛ ئۇرپقا ئاساسەن ھەر خىل يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىملىرىنى تەمىنلىشىڭلاردۇر.
ئەي ئادەملەر!
سىلەرگە ئىككى ئەمانەت قالدۇرىمەنكى، ئۇلارغا چىڭ ياماشسىلەر يولىڭلارنى ھېچقانداق چۈشۈرمەيسىلەر. بۇ ئەمانەتلەر ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىدۇر.
ئەي ئادەملەر!
سۆزۈمنى ياخشى ئاڭلاڭلار ۋە ياخشى ساقلاڭلار! مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار قېرىنداش. دىنى قېرىندىشىڭلارنىڭ ھوقۇقىغا تېگىش ھالال ئەمەس. پەقەت كۆڭۈل خۇشلىقى بىلەن بېرىلگەن باشقىچە.
ئەسھابىم!
ئۆزۈڭلارغىمۇ زۇلۇم قىلماڭلار. نەفسىڭلارنىڭمۇ سىلەر ئۈستىدە ھوقۇقى بار.
ئەي ئادەملەر!
رەببىڭلار بىر. ئاتاڭلارمۇ بىر. ھەممىڭلار ئادەمنىڭ بالىلىرىسىلەر، ئادەم بولسا تۇپراقتىن. ئەرەبنىڭ ئەرەب بولمىغانغا، ئەرەب بولمىغاننىڭمۇ ئەرەب ئۈستىدە ئۈستۈنلۈكى يوق. قىزىل تەنلىنىڭ قارا ئۈستىدە، قارىنىڭمۇ قىزىل تەنلى ئۈستىدە ئۈستۈنلۈكى يوق. ئۈستۈنلۈك پەقەت تەقۋادادۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ قىممەتلىك بولغىنىڭلار ئۇنىڭدىن ئەڭ كۆپ قورقىدىغانىڭلاردۇر.
ئەي ئادەملەر!
جەنابى ھەق ھەر ھوقۇق ئىگىسىگە ھوقۇقىنى بەرگەن. ھەر كىشى ئۆزى قىلغان گۇناھتىن مەسئۇل. ئاتا ئوغلىنىڭ، ئوغلىمۇ ئاتىسىنىڭ گۇناھىدىن مەسئۇل ئەمەس.
دىققەت قىلىڭلار! بۇ تۆت نەرسىنى چوقۇم قىلماڭلار:
ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار.
ئاللاھ ھارام ۋە مۇقەددەس قىلغان جانغا ناتوغرا زىيان يەتكۈزمەڭلار.
زىنادىن ساقلىنىڭلار.
ئوغرىلىق قىلماڭلار.
ئەي ئادەملەر!
ئەتە مەن ھەققىمدە سىلەرگە سورايدۇ. نېمە دەيسىلەر?
ئەسھابى كىرام جاۋاب بەردى:
"ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى يەتكۈزدىڭىز؛ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدىڭىز، بىزگە ۋاسىيت ۋە نەسىھەت قىلدىڭىز دەپ گۇۋاھلىق بېرىمىز."
رەسۇلۇللاھ گۇۋاھلىق بارمىقىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ ئۈچ قېتىم
"گۇۋاھ بول! يا رەب!
گۇۋاھ بول! يا رەب!
گۇۋاھ بول! يا رەب!"
ھەزرىتى مۇھەممەد ساللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللام